Uyghur←ChineseMain Dictionary
گېلىدىئۇم يۈسۈنى
Domain: بىئولوگىيە石花菜
shíhuācài
قىزىل يۈسۈنلەر تىپى گېلىدىئۇم يۈسۈنى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يۈسۈن تېنى جىگەررەڭ. بەزىدە توق قىزىل ياكى ئاچ سېرىق، تۈۋىدىكى يالغان يىلتىزى رەڭسىز بولىدۇ. تىك ھالدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 10 - 30 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 5.0 - 2 مىللىمېتىر بولۇپ، سىلىندىرسىمان ياكى ياپىلاق بولىدۇ، ئىككى يېنىدىن پەيسىمان شاخلىنىدۇ، تۆۋەن نەملىك ياكى ئوتتۇرا نەملىك سىزىقىدىكى قىيا تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆسىدۇ. مۆتىدىل بەلباغ خاراكتېرىدىكى دېڭىز يۈسۈنى. دۆلىتىمىزنىڭ سېرىق دېڭىز، بوخەي دېڭىزى، شەرقىي دېڭىزى ھەمدە ياپون، چاۋشيەن قاتارلىقلارنىڭ دېڭىز ياقىسىغا تارقىلىدۇ. ئوزۇقلۇق ياكى دورا ئورنىدا ئىلشىتىلىدۇ. ئاساسەن ئۇنىڭدىن ئاگار ئايرىۋېلىنىپ، مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆستۈرۈش، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، توقۇمىچىلىق سانائىتى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ھازىر ئۇ سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.