Uyghur←ChineseMain Dictionary
گلادىئاتور
Domain: ئۇنىۋېرسال格斗者
gé dòu zhě
Domain: دۇنيا تارىخى角斗士
jué dòu shì
ئەسلى مەنىسى <قىلىچۋاز> دېگەن مەنىدە. قەدىمكى رىمدا مەخسۇس قىلىچۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خىل قۇللار بولغان. بۇلارنىڭ كۆپى ئۇرۇش ئەسىرلىرىدىن كەلگەن. ئېيتىلىشىچە، قىلىچۋازلىق ستورېيلارنىڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئۆلگۈچىلەرنىڭ روھىغا نەزىر - چىراغ قىلىشتىن بارلىققا كەلگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 264 يىل ئىلگىرى رىمغا تارقالغان (تۇنجى قىلىچۋازلار ئۈچ جۈپ قۇلدىن تەشكىل تاپقان). مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە تەرەققى قىلىپ، قىلىچۋازلىق قۇلدار ئاقسۆڭەكلەر بىلەن باشقا پۇقرالارنىڭ بىر خىل ئادەتتىكى كۆڭۈل ئاچىدىغان پائالىيىتىگە ئايلانغان ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس گلادىئاتورلارنى تەربىيلەش ئورۇنلىرىن ئاچقان، چوڭ تىپتىكى تىياتىرخانىلار (كلوزىي چوڭ تىياتىرخانىسى)نى قۇرغان؛ سەھنىگە چىققىنىدا، گلادىئاتور قۇللار بىر - بىرى بىلەن ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئېلىشقان. رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھەشەمەتخورلۇقىغا ئەگىشىپ گلادىئاتورلۇق بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، ئىمپېرىيەنىڭ ئالدىنقى دۋرىگە كەلگەندە بايرام ياكى غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ۋاقىتدا چوڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغان. بىر قېتىملىق ئېلىشىشقا بىر قانچە يۈز جۈپ گلادىئاتور قۇل بىلەن مىڭلاپ يىرتقۇچ ھايۋانلار سەھنىگە چىقىرىلىپ، بىرقانچە كۈن ئېلىشىپ، ئاخىر ھالاكەت بىلەن ئاياغلاشقان. گلادىئاتور ۋەھشىي قانخور قۇلدارلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان. سپارتاك قوزغىلىڭىنى مۇشۇنداق بىر تۈركۈم گلادىئاتورلار قوزغىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.