UyghurMain Dictionary
گلادىستونې
دۇنيا تارىخى
(1809 - 1898) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1868 - 1874، 1880 - 1885، 1886، 1892 - 1894) لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ يولباشچىسى. باي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپ ئىدون ھۆكۈمەت مەكتىپى ۋە ئوكسىفورد داشۆسىدە ئوقۇغان. 1832 - يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. سودا ۋەزىرى (1843 - 1845)، مۇستەملىكە ۋەزىرى (1845 - 1847)، مالىيە ۋەزىرى (1852 - 1855، 1859 - 1866) بولغان. 1868 - يىلىدىن باشلاپ كۆپ قېتىم باش ۋەزىر بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىچكى جەھەتتە بەزى ئۈزۈل - كېسىل بولمىغان ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى، مەسىلەن، 1844 - يىلىدىكى پارلامېنت ئىسلاھاتىدا سايلام ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە يۇقىرى قاتلام ئىشچىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. تاشقى جەھەتتە مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى پائال يولغا قويغان. 1882 - يىلى ئەسكەر چىقىرىپ مىسىرنى بېسىۋالغان. ئۇنىڭ <گومېر يىلنامىسى تارىخى>، <ئۆتكەن ئىشلار> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.