UyghurMain Dictionary
گېكسوزامونو تارماق يولى
بىئولوگىيە
HMS ياكى پېنتوزا فوسفات يولى (phentose phosphate pathway) دەپ ئاتىلىدىغان، قەنتلەرنىڭ ئوكسىگېنلىق پارچىلىنىش يوللىرىنىڭ بىرىدۇر. HMS نى ئىككى باسقۇچلۇق دەپ قاراشقا بولىدۇ: (1) گلۇكوزا فوسفاتلاشقاندىن كېيىن بىۋاستە ھىدروگېنسىزلىنىپ، كاربوكسىلسىزلىنىپ، پېنتوزا 5 - فوسفاتنى ھاسىل قىلىدۇ. (2) پېنتوزا فوسفات بىر قاتار كېتون يۆتكەش، ئالدېگىد يۆتكەش روللىرى ئارقىلىق قايتىدىن فوسفات كسىلاتاسىنى سىنتېزلايدۇ، مانا شۇنداق قىلىپ بىر ئايلانمىنى تۈزىدۇ. ئالتە دانە گلۇكوزا مولېكۇلىسى ئايلانمىغا كىرىپ بىر ئايلانغاندا پەقەت بىر مولېكۇلا گلۇكوزا مولېكۇلىسى پۈتۈنلەي ئوكسىدلىنىپ CO 2 گە ئايلىنىدۇ ھەمدە ساپ 35 دانە ATP مولېكۇلىسى ھاسىل بولىدۇ. بۇ يولدا NADPH شەكلىدىكى ئوكسىدسىزلىغۇچى كۈچ ھاسىل بولىدۇ، يەنە بىئولوگىيىلىك سىنتېزلىنىش ئۈچۈن ئارىلىق ماددا ۋە ئالدىنقى تەنچە (ماددا) تەمىنلەپ بېرىدۇ. مەسىلەن، ھاسىل بولغان NADPH خىلمۇ خىل ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىلىرىنى ھىدروگېن بىلەن تەمىنلەيدۇ. پىنتوزا فوسفات يادرو كىسلاتاسىنىڭ سىنتېزلىنىشىدىكى تەركىبىي قىسمى. 4 - فوسفو ئېرېتروزا ئاروماتىك ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ سىنتېزلىنىشىدىكى ئالدىنقى تەنچىدۇر. بۇنىڭدا مونو ساخارىدلار، چايلار، ئامىنو كىسلاتالىرى، نۇكلېئوتىدلار ئۆز ئارا ئۆزگىرىدۇ.