Uyghur←ChineseMain Dictionary
گېيېر
Domain: دۇنيا تارىخى盖叶尔
gài yè ěr
(تەخمىنەن 1490 - 1525)، 1524 - 1525 - يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئەسلى فرانكونىيە رىتسارى. 1525 - يىلى 4 - ئاينىڭ بېشىدا، دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، <قارا ئارمىيە> دەپ ئاتىغان. فرانكونىيە دېھقانلىرى ئوتتۇرغا قويغان فېئوداللىق ئالۋان - ياساقلارنى تاپشۇرۇشنى توختىتىش، تەبىقىلەر باراۋەرلىكىنى يولغا قويۇش، خەلق بىلەن دۈشمەنلەشكەن فېئوداللارنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فروئېنبورگ، زورسىدوف، ئىنگورىستات قاتارلىق بىرقانچە جايلاردا بەگلىك ئارمىيىسىگە باتۇرلۇق بىلەن زەربە بەرگەن. 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خاريېنىدىكى جەڭدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، قۇربان بولغان.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى盖尔〈德〉
gài ěr 〈dé 〉
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.