Uyghur←ChineseMain Dictionary
گيوتې
ئىستېتىكا
歌德
gē dé
دۇنيا تارىخى
歌德
gē dé
(1749 - 1832) گېرمانىيىلىك شائىر، دراماتورگ مۇتەپەككۈر. گېرمانىيە كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى. باي شەھەر ئاھالىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى - كېيىن لېيپىسېگ داشۆسى ۋە ستراسبۇرگ داشۆسىدە قانۇن ۋە پەلسەپە ئوقۇغان. رۇسسو، لېشىن ۋە سىپنوزا ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش شەكىللەنگەن. ياش ۋاقتىدا، بوران - چاپقۇنلۇق زەربىدارلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق ئەربابى بولغان. سىياسىي جەھەتتە فېئودال تەپرىقىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، گېرمانىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئارزۇ قىلغان، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1773 - يىلى <گېساىن پىرشىكىن> دېگەن تارىخىي درامىنى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە خەلقنىڭ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئەركىنلىك ۋە مەملىكەتنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. 1774 - يىلى خەت - چەك شەكلىدە يېزىلغان <ياش ۋېرتىرنىڭ قايغۇسى> دېگەن رومانى ۋە <برومېتى> دېگەن داستانىنى ئېلان قىلغان. 1775 - يىلى كۈزدە، شۋېتسارىيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، گېرتسوگ ۋېيمارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن باش مەسلىھەتچى بولغان. كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىتالىيدە زىيارەتتە بولۇپ، كلاسسىك سەنئەتكە ئىنتايىن ھەۋەس قىلغان. 1788 - يىلى ئۆز ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن سەنئەت ۋە ئىلىم - پەن شۆيۈەنىنىڭ باش نازارەتچىسى، ۋېيمار ئوردا تىياتىرىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەبىئىي پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، <تاسسو> دېگەن دراما، <تۈلكە لېنا> دېگەن ئىپىك داستاننى ئېلان قىلغان، <تۈلكە لېنا> دا ھايۋانلارنىڭ بىر - بىرىگە ئورا كولىشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلغان. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى فرانسيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىنقىلابقا قارىتا قارشى ئېلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان، لېكىن ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشپ، ئۇرۇش ۋە زوراۋانلىقتىن بارا - بارا يىرگىنىپ قالغان؛ <ئېگمىنىت> دېگەن سەھنە ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، نېدېرلاندىيەنىڭ مىللىي مۇستەقىللىك كۈرىشىنى تېما قىلىپ يات مىللەتنىڭ زۇلۇمىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1794 - يىلدىن كېيىن، شىللېر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، كلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1809 - يىلى تەرجىمىھال خاراكتىرىدىكى <شېئىر ۋە ھەقىقەت> نى يېزىپ چىققان. 1819 - يىلى ئەرەب، پارس مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئىدىيسى ئايدىڭ، ھېسسىياتى سەمىمىي بولۇپ، تۇرمۇشقا قىزغىن مۇھەببەت باغلىغان <غەرب بىلەن شەرق ھەققىدىكى شېئىرلار> دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىققان. 1831 - يىلى 60 يىل ئەجىر سىڭدۈرۈپ <فائۇست> ناملىق ۋەكىللىك ئەسەرنى پۈتتۈرگەن. بۇ درامىدا ⅥⅩ ئەسىردىكى گېرمانىيەنىڭ خەلق رىۋايەتلىرىنى تېما قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىن بۇيانقى گېرمانىيە ۋە ياۋرۇپا جەمئىيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئاساسىي قەھرىمان فائۇستنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۆمۈربويى تىرىشقان جاپالىق سەرگۈزەشتىلرى ئارقىلىق بۇرژۇئا ئىلغارلىرىنىڭ رېئاللىققا نارازى بولغان، ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىپ، ھارماي - تالماي كۈرەش قىلغان روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. درامىدا بەدىئىي ئىجادىيەت جەھەتتە رېئالىزم بىلەن رومانتىزم ئۆز ئارا بىرىكتۈرۈلگەن ئالاھىدىلىك ئىپادىلەنگەن. شېئىرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى يېڭى، لىرىكىلىق بولۇپ، گېرمانىيە ئەدەبىياتىنىڭ گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ تەبىئىي پەن جەھەتتىمۇ تۆھپە قوشقان. ئىنسانىيەتنىڭ تاڭلاي سۆڭىكىنى تاپقان ھەمدە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شەكلى ۋە رەڭگى ھەققىدە ئىلمىي ماقالە يازغان.