UyghurMain Dictionary
غۇسسە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غەم، قايغۇ:
بەيان ئەيلەسەم مەن ئەگەر قىسسەنى،
ماڭا ۋە ساڭا كەلتۈرۈر غۇسسەنى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غەم - قايغۇ، ھەسرەت، خاپىلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
روھەن ۋە جىسمانەن قاتتىق قىينىلىش تۇيغۇسى.
قايغۇڭ دېڭىزدەك بولسىمۇ، جاسارىتىڭ بولسا ئۆتىسە. بىز شادلىق يولىدا كۈرەشتۇق، شادلىق يولىدا ئۆلىمىز. شۇڭا بىزنىڭ ئىشىمىزغا قايغۇ - ھەسىرەت ئارىلىشىپ قالمىسۇن. ھەسرەت رەھىم قىلار. بىر دەملىك ئاچچىققا سەۋرى قىلساڭ، بىر ئايلىق ئازاب - ئوقۇبەتتىن خالىي بولىسەن. پۇلى ئازنىڭ غېمى ئاز. ئادەمنى غەم يەيدۇ، تۆمۈرنى نەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
غەم، قايغۇ، ھەسرەت، ئەلەم.
بۇۋايلار تىلىدىن ئاڭلىدىم قىسسە، زەخمەتلىك يۈرەكلەر ئەلەم ۋە غۇسسە.