UyghurMain Dictionary
غۇرۇرلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىپتىخار، غۇرۇرغا ئائىت. ئىپتىخارلىق كىشىگە كۈچ بېغىشلايدۇ.
غۇرۇرلۇق بايلىققا ئالدانمايدىغان، نامراتلىققا پىسەنت قىلمايدىغان، ھەيۋىگە تىز پۈكمەيدىغان خىسلەتتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. غۇرۇرى بار، غۇرۇرىنى ساقلايدىغان.
ئۇ ئىنتايىن غۇرۇرلۇق ئادەم.
ئى. ئۆز قەدىر - قىممىتىنى بىلىش.
- ئۇ ناخشىچىمىزنىڭ ھەقىقەتەن ماختىغۇچىلىكى بار، - جانلىنىپ جاۋاب بەردى ئابلىز ۋە چىرايىدا ئىللىق، غۇرۇرلۇق تۇيغۇسى جىلۋا قىلدى.