UyghurMain Dictionary
غېرىب
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز يۇرتىدىن كېتىپ، باشقا يۇرتتا ياشاۋاتقان كىشى.
<بولماق>، <قىلماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ.
<بۇرالقى> قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
سەن مۇساپىر، مەن غېرىپ. مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس. مۇساپىر ئىتنىڭ قۇيرۇقى ئىچكىرى. غېرىبقا غېرىپ يىغىلار. غېرىبنىڭ ھالىغا غېرىپ يېتەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. ھېچقانداق ئۇرۇق - تۇغقىنى بولمىغان، يېتىم، باش - پاناھسىز، مۇساپىر.
غېرىبنىڭ ھالىغا غېرىب يېتەر(ماقال).
سۈپ. كەمبەغەل، يوقسۇل؛ بىچارە.
ياق، بارمايمەن، مەندەك بىر غېرىبقا تاماشىنىڭ نېمە كېرىكى.
سۈپ. يالغۇز، تەنھا.
دۇستۇم سىزچۇ؟ ئەگەر شۇ غېرىب قەبرىنى كۆرۈشنى خالىسىڭىز، يۈرۈڭ، ئۇنىڭ ئىچىنى كۆرسىتەي!
سۈپ. مىسكىن، غەمكىن.
ئابدۇسادىر قاسساپنى مەن ھېچقانچان بۇگۈنكىدەك غېرىب ھالدا ئۇچراتمىغانىدىم.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.