Uyghur←ChineseMain Dictionary
غولقانات
Domain: بىئولوگىيە风尾蕨
fēngwěijué
غولقانات ئائىلىسىگە كىرىدۇ. كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى تىك ئۆسىدۇ، ئۇچىدا ئۆزەكسىمان تەڭگىچە يوپۇرمىقى بولىدۇ. يوپۇرمىقى توپلىشىپ ئۆسىدۇ. ئىككى خىل بولىدۇ. يىتىلمەيدىغان يوپۇرمىقىنىڭ پەيسىمان يوپۇرمىقى ياكى كىچىك پەيسىمان يوپۇرمىقى بىرئاز كەڭ بولۇپ، گىرۋىكىدە رەتسىز ئۆتكۈر ھەرە چىشى بولىدۇ؛ سپورىلىق يوپۇرمىقى ئۇزۇن تۇخۇمسىمان ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، بىراق تۆۋەن تەرىپىدىكى پەيسىمان يوپۇرماقلارلا 2 - 3 ئاچىماقلىنىپ، يوپۇرماق ئوقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تار قاناتنى ھاسىل قىلىدۇ؛ سپورا خالتا توپى يوپۇرماقنىڭ كەينى گىرۋىكىدە ئۆسىدۇ. جۇڭگونىڭ خېبېي، شەندۇڭ ھەمدە چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىغا تارقىلىدۇ. تام يېرىقى، قۇدۇق ئەتراپى ۋە ھاك تېشىنىڭ ئۈستىدە ئۆسىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى دورىغا قوشۇلىدۇ، ئىسسىقنى ھەيدەپ نەملىكنى راۋانلاشتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇپ زەھەر قايتۇرۇش، پەينى چىڭىتىپ ئالاقىنى جانلاندۇرۇش، تولغاققا شىپا قىلىپ قان توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار.
ئۇنىۋېرسال,ئۆسۈملۈك
凤尾蕨
fèng wěi jué
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.