Uyghur←ChineseMain Dictionary
غەربنىڭ زاۋالغا يۈز تۇتۇشى
Domain: دۇنيا تارىخى西方的没落
xī fāng de mò luò
كىتاب نامى. گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس، پەيلاسوپ سپېنگلېرنىڭ ئەسىرى. 1917 - يىلى يېزىپ چىققان. 1918 - 1922 - يىللىرى نەشىر قىلىنغان. ئىككى توم. ئاپتور كىتابىدا بىر يۈرۈش تارىخ پەلسەپىسىنى يارىتىپ، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ھالاكەت يولىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان. ئاساسلىق نۇقتىنەزىرى: دۇنيادا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۆز ئالدىغان سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەن سەككىز خىل مەدەنىيەت بولغان؛ ھەربىر خىل مەدەنىيەت، خۇددى ئورگانىك ماددىغا ئوخشاش ۋۇجۇدقا كېلىش، ئۆسۈپ يېتىلىش، زەئىپلىشىش ۋە ھالاك بولۇشتىن ئىبارەت ھاياتىي دەۋرىيلىكنى باشتىن كەچۈرگەن؛ ھازىرغىچە بولۇپ ئۆتكەن سەككىز خىل مەدەنىيەتنىڭ يەتتە خىلى ئاللىقاچان زەئىپلىشىپ كەتتى ياكى ھالاك بولدى، ئەڭ ئاخىرقى بىرخىل غەرب مەدەنىيىتىمۇ كۈنسايىن زاۋالغا يۈزلەنمەكتە، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ خىل تارىخ پەلسەپىسى <مەدەنىيەت فورماتسىيىلىرى تارىخى قارىشى> ياكى <مەدەنىيەت فورماتسىيىلىرى ئىلمى> دەپمۇ ئاتىلىپ، غەرب بۇرژۇئازىيىسىنىڭ جاھانگىرلىك باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىنكى بىر خىل ئۈمىدسىزلىك روھى ھالىتىنىڭ ئىنكاسى ھېسابلىنىپ، 30 - يىللاردا گېرمانىيە فاشىزمنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.بۇ كىتاب خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.