Uyghur←ChineseMain Dictionary
غەربىي پرۇسسىيە
Domain: دۇنيا تارىخى西普鲁士
xī pǔ lǔ shì
تارىخىي رايون نامى. تەخمىنەن پولشانىڭ شەرقىي پومورزى رايونىغا يەنى گدانسكى رايونىغا باراۋەر كېلىدۇ. تيوتون رىتسارلار پولكى ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقىي پرۇسسىيىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ⅣⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە غەربىي پرۇسسىيىنىمۇ ئىشغال قىلغان. 1466 - يىلى پولشا تيوتون رىتسارلار پولكىنى مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي پرۇسسىيىنى قايتۇرۋالغان. شەرقىي پرۇسسىيە يەنىلا شەرقىي رىتسارلار پولكىنىڭ قولىدا قالغان بولسىمۇ لېكىنپولشاغا بويسۇنىدىغان بولغان. 1772 - يىلى غەربىي پرۇسسىيە پرۇسسىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1919 - يىلىدىكى <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>غا ئاساسەن، بىرقىسمى پولشاغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. گدانسكى خەلقئارا نازارەت ئاستىدىكى ئەركىن شەھەر قىلىنغان، يەنە بىر قىسمى شەرقىي پرۇسسىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945 - يىلىدىكى پوتسىدام يىغىنىدا پۈتۈن غەربىي پروسسىيىنى پولشاغا قوشۇپ بېرىش قارار قىلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.