UyghurMain Dictionary
غەربىي جەنۇب ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش مەزگىلىدە ئادەتتىكى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق قوراللىق توپىلىڭى. سايگو تاكامورى ۋەزىپىسىدىن قېلىپ، يۇرتىغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، كاگوشما ناھىيىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا <خۇسۇسىي مەكتەپ> ئېچىپ، ھەربىي تايانچلارنى يىتىشتۈرۈپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشقان. 1877 - يىلى 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى <خۇسۇسىي مەكتەپ>تىكى ئادەتتىكى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىنى باشلاپ ئىسيان كۆتۈرگەن، ناھىيىدىكى ۋە كيۇشۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئادەتتىكى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئاۋاز قوشۇپ، بىر مەھەل ئومۇمىي ئەسكىرىي كۈچى 40 مىڭدىن ئارتۇقراققا يەتكەن. مېيجى ھۆكۈمىتى ئارىسۇگاۋا نومىياتارا ھىتو شاھزادىنى جازا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ باش لەشكەر بېشى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنرال لېيتنانتى كاۋامارا ئارىتومو ۋە دېڭىز ئارمىيە گېنېرال لېيتنانتى كاۋامارا سۇميۇشنى جازا يۈرۈشى قىلغۇچى قوشۇننىڭ باش مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەپ، زور قوشۇن (ئومۇمىي ئەسكىرىي كۈچى 60 مىڭدىن ئاشىدۇ)يۆتكەپ، باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن. 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كۇماموتونى مۇھاسىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خىتويوشنى ئىگىلەپ، 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى مىياكونوجونى قايتۇرۋېلىپ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مىيازاكى ۋە ساتوبارانى ئالغان. 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى توپىلاڭچى قوشۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بازىسى كاگوشما تاغلىق شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. سايگو تاكامورى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان؛ كىرىنو توشىئاكى، مۇراتا شىنپاچى قاتارلىقلار ئۇرۇشتائۆلگەن ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان.