UyghurMain Dictionary
غەيۋەتچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنىڭ كەينىدىن يامان گېپىنى قىلغۇچى.
غەيۋەتخورنىڭ تىلىنى كەس، ئاڭلىغۇچىنىڭ قۇلىقىنى كەس. بۇرادەر، غەيۋەتكە بېرىلمە ئەسلا، غەيۋەتچىنىڭ يۈزى قارادۇر، قارا. شىكايەتچى شىكايەتتىن كەچمەس، جاندىن كېچەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دائىم باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان ئادەم، غەيۋەتخور.
غەيۋەتچىلەرنىڭ غەيۋىتىنى تىڭشىغانلىقمۇ غەيۋەت قىلغانغا يېقىن پەس قىلىق.//ھەيرانمەن، غەيۋەتچى خوتۇنلاردەك ئۇششاق گەپلەرنى يازغىلى تۇرغىنىنى قارىمامسەن.