UyghurMain Dictionary
غەيرىي پۈتۈن ھەسسىلىك تەنچە
بىئولوگىيە
پۈتۈن ھەسسىلىك تەنچىگە قارىمۇ قارشى بولۇپ، <غەيرىي ھەسسىلىك تەنچە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىككى ھەسسىلىك خروموسوما گۇرۇپپىسىدىكى بىر ياكى بىر قانچە خروموسومىنىڭ ئېشىشى ياكى ئازىيىشىدىن ئىبارەت. يەنى خروموسوما سانى غەيرىي پۈتۈن ھەسسىلىك بولغان ھۈجەيرە ۋە جانلىقلار مەسىلەن، ئادەتتە ئۆستۈرۈلىدىغان بۇغداينىڭ خروموسوما سانى 24 بولۇپ، تەركىبىدە 41 ياكى 43 دانە خروموسوما بولغان ئىندىۋىدلار پۈتۈنلەي غەيرىي پۈتۈن ھەسسىلىك بولىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئاشقان ياكى كېمەيگەن خروموسوما سانى ئازايغانسىېرى ھاياتلىق كۈچىنى شۇنچە نورمال ساقلىيالايدۇ.