Uyghur←ChineseMain Dictionary
غايە (2)
پسىخولوگىيە
理想
lǐ xiǎng
بۇ مۇئەييەن دۇنيا قارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى رېئال تۇرمۇش تەلىپى بىلەن قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن ھەمدە ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن بولغان كېلەچەك توغرىسىدىكى بىر خىل خىيال، ئۇ كىشلەرنىڭ تەلپۈنگەن ئارزو - تىلەكلىرىنىڭ نىشانى. غايە ئاڭلىق خىيال، ئىجابى فانتازىيىگە تەۋە بولۇپ، كىشلەرنىڭ كىلەچەككە نەزەر تاشلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان، ئىشەنچىنى كۈچەيتىدىغان، ئىلگىرىلەش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان ئۇلۇغ مەنىۋىي كۈچكە ئايلىنىدۇ.
غايە دەۋرنىڭ مەھسۇلى. ئۇ ئىجتىمائىي تارىخىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى بار : (1) غايە كېلەچەك بىلەن رېئاللىقنىڭ بىرلەشمىسى. يەنى، ئۇ ھەم كېلەچەككە ئىنتىلىش، ھەم رېئاللىق بىلەن يېقىن باغلىنشلىق بولۇپ، كىشلەرنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەلىرىنىڭ بىرى. (2) غايە ئېتىقاد بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق. كىشلەر ئۆز غايىسىنىڭ توغرىلىقى، گۈزەللىكىگە ئىشىنىدۇ. غايە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئىپادىسى، غايىنىڭ سەۋىيىسى كىشىنىڭ ئېتىقادى بار - يوقلۇقى، قانداق ئېتىقاد بارلىقى ۋە ئۇنىڭ مۇستەھكەملىك دەرىجىسى بىلەن ناھايتى زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. غايە كىشىلىك تۇرمۇش ئېتىقادى، ئەخلاقىي ئېتىقاد ۋە سىياسىي ئېتىقادنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، بەلكى شۇلارنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. (3) غايە خىيال خاراكتىرلىك. كېلەچەكنىڭ ئوبرازى توغرىسىدىكى خىيال غايە شەكىللىنىشنىڭ ئامىلى. سابىق سوۋېت ئىتىپاقى پىسخولوگلىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، « ئەگەر بىر كىشى خاراكتېرى شەكىللىنش مەزگىلىدە ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدىكى ئەخلاقىي مۇناسۋەتنىڭ مۇئەييەن گۈزەل ئوبرازىنى ئىگىلىۋالالمىغان بولسا .... غايە توغرىسىدا ياخشى ئوبراز ھاسىل قىلالمايدۇ. كۆپىنچە كىشى ھەر قانداق كىچىك ئوڭۇشسىزلىق ۋە تۇرمۇشتىكى ھەر خىل قىيىنچىلىقلار ئالدىدا قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ». ھېسسىي - كۆرسەتمىلىك ئوبراز غايىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. دەل « ھېسسىي ئوبراز » غايىنى رېئاللىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. (4) ئۇ ھېسيات خاراكتېرىگە ئىگە. غايە كىشىلەرگە ھامان قىزغىن ئۈمىد بېغىشلاپ، باي، كۈچلۈك، چوڭقۇر ھېسيات تۈسىنى بېرىدۇ ۋە كىشلەرنىڭ ئۆزلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرۈشلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن قوزغاش رولىنى ئوينايدۇ. ئىجابىي ھېسيات تۇيغۇسى ياكى ئىلھام، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ھېسياتى، بۇرچ ھېسياتى ۋە پىداكارلىق ھېسياتى ئۇلۇغۋار غايە شەكىللىنىشنىڭ مۇھىم پىسخولوگىيىلىك ئامىللىرى ھېسابلىنىدۇ. (5) غايە « رېئال مەن » نىڭ « كېلەچەك مەن » توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرى. ئۆزىنى ئۆزى بىلىش ( ئاڭقىرىش ) نىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى غايە شەكىللىنىشنىڭ ئىچكى شەرتى. بىر كىشى پەقەت ئۆزىنى ئۆزى بىلىشتە، كۆزەتكۈچى «مەن» بىلەن كۆزىتلگۈچى «مەن» نى،سوبيېكتپ «مەن» بىلەن ئوبيېكتىپ «مەن» نى پەرقلەندۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۆز - ئۆزىنى باھا بېرىپ، ئۆز - ئۆزىنى بىلىپ، رېئاللىقتىكى «مەن» غايىدىكى «مەن» دىن پەرقلەندۈرۈپ، ئاندىن غايىدىكى «مەن» توغرىسىدا پىلان تۈزگەندىلا، ھەقىقىي غايە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. (6) غايە ئىندىۋىدۇئال مايىللىقنىڭ مەركەزلەشكەن ئىپادىسى. غايىنىڭ شەكىللىنىشى ئېھتىياج، مۇددىئا، قىزىقشلار بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق ھەمدە بۇلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى، مەزمۇنىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. دېمەك، غايە بىر كىشىنىڭ پۈتۈن پىسخىك ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ. غايە كۆپ خىلدىكى پىسخىك ئامىللاردىن تەركىپ تاپقان. ئاساسلىقى ئۇ بىلىش ئامىلى بولۇشتىن باشقا، يەنە ھېسيات ئامىلى، ئىرادە ئامىلى ۋە ئىندىۋىدۇئال ئامىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
غايە ئۈچ ئاساسىي ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بۇلار، ئوبيېكتىپ شەيئىي تەرەققىياتىنىڭ رېئال ئىمكانىيىتى، كىشلەرنىڭ ئارزوسى بىلەن تەلىپى ۋە شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ كىلەچىكى توغرىسىدىكى ئازدۇر - كۆپتۇر ئوبرازلىق تەسەۋۋۇرى. بۇ ئۈچ چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە گەۋدىلىنىدۇ. ھەقىقى غايە مۇشۇ ئۈچ جەھەتنىڭ بىرلىكىدۇر. ئەكسىچە، ئوبيېكتىپ شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ رېئال ئىمكانىيىتى ئاساسىغا قۇرۇلمىغان سۇبيېكتىپ ئويدۇرما خىيال خام خىيال ياكى سەلبىي فانتازىيە دەپ ئاتىلىدۇ.