Uyghur←ChineseMain Dictionary
گىگانت تاش مەدەنىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخى巨石文化
jù shí wén huà
يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە مىس قورال دەۋرىدىكى بىر خىل مەدەنىيەت. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى گىگانت تاشلاردىن خاتىرە بۇيۇملىرى ۋە قەبرىلەرنى ياساش بولغاچقا شۇنداق نام بېرىلگەن. ئۇ، تاش لاپاسلار، ئۆرە تاشلار، قاتار تىكلىمە تاشلار، تاش چەمبىرەكلىرى، گىگانت تاش قەبرە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ئېھرام، چاسا ئۇچلۇق ئابىدە، گىگانت تاشلاردىن ياسالغان ئىبادەتخانا قاتارلىقلار ئادەتتە بۇ قاتارغا كىرمەيدۇ. ئاساسەن ياۋرۇپانىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغا تارقالغان، باشقا ھەرقايسى جايلاردىمۇ ئۇچرايدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.