UyghurMain Dictionary
گەردىش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يۈرۈش، ھەرىكەت، ئايلىنىش، سەير قىلىش، چەمبىرەك، ئايلانما، دائىرە:
گەردىش رۇزكارىدىن تۈلكىنى دەي قىيىن ئاتا،
تار زەماندىن داغى خەرس ئىلە خۇكنى ئەمەك.
زەلىلى.
ساقىيائى سىيمتەن گەردىشكە كەلتۈرگىل ئاياغ،
ئەرغەنۇن چالغىل مۇغەنىنىلەر زەلىلى زار ئۈچۈن.
زەلىلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غەلۋىر، داپلارنىڭ چەمبىرىكى.
باخشىنىڭ دېپىنىڭ قاسنىقى سۇنسا، مايمۇنغا ئويۇنچۇق بوپتۇ. غەلۋىرنىڭ گەردىشى غەلۋىرگە تىرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
چەمبەر، چەمبىرەك.
داپچىنىڭ دېپى سۇنسا، گەردىشى مايمۇنغا ئويۇنچۇق بوپتۇ (ماقال).
ئايلانما شەكىلدىكى نەرسە، دائىرە.
كائىنات مەشئىلى كىردى غىلاپ ئىچىگە، ئاسمان گەردىشىگە ھەم تارتىلدى پەردە.
كۆچمە. قاتقان، قېتىپ كەتكەن نەرسە.
مېنىڭ ھارۋا ھەيدەپ گەردىش بولۇپ كەتكەن قوللىرىم مايلانغان تاسما ياندۇرۇق بىلەن ئاتنى باشقۇرۇپ، ھارۋىنى جالاق - جۇلۇقسىز ئېلىپ ماڭماقتا.