Chinese→UyghurMain Dictionary
戈培尔
دۇنيا تارىخى
گېببلس
(1897 - 1945) ناتسىت گېرمانىيەنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرى. ئۇرۇش جىنايەتچىسى. كىچىك ۋاقتىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، ئاقساق بولۇپ قالغان. 1921 - يىلى ھېيدېلبېرىگ داشۆسىدە پەلسەپە دوكتۇرى ئونۋانى ئالغان. كېيىنكى يىلى ناتسىتلار پارتىيىسگە قاتنىشىپ، گىتلېرنىڭ تەلۋە مۇرىتىغا ئايلانغان. 1920 - يىلى بېرلىن رايونلۇق ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ كاتتېىېشى بولغان. 1929 - يىلى ناتسىتلار پارتىيىسى تەشۋىقات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 1933 - يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن خەلق مائارىپ ۋە تەشۋىقات مىنسىتىرى بولغان. <رېيخسىتاگقا ئوت قويۇش دېلوسى> نى قەستەن پىلانلىغان. دۆلەتنىڭ بارلىق تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى تىزگىنلەپ، ئۇرۇشنى ئەسەبىيلەرچە تەرغىپ قىلىپ، ئىرقچىلىقنى تەرغىپ قىلغان. پىتنە - پاسات، يالغان - ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرگەن. كەڭ كۆلەملىك مەدەنىي تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. ناتسىتلار گۇمران بولۇش ھارپىسىدا خوتۇنى ۋە ئالتە بالىسىنى <فيورىر پودۋالى> غا بىللە ئېلىپ چۈشۈپ، گىتلېرغا ھەمراھ بولغان ھەمدە ئۇنىڭ نىكاھ گۇۋاھچىسى بولغان. گىتلېر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئۆز بالىلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ھەمدە ئېسئېسچىلارغا ئەر - خوتۇن ئىككىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۋېتىشكە بۇيرۇغان.