UyghurMain Dictionary
گەپچى
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
گەپ - سۆزگە ئۇستا ۋە كۆپ سۆزلەيدىغان.
كەم سۆز، كەم سۇخەن
ئوشۇق - تۆشۈك گېپى يوق، كۆپ سۆزلىمەيدىغان.
گەپدان بولغۇچە ئىشچان بول. ۋالاقتەككۈر سۆزمەندىن دۆت ئارتۇق. باتۇرنى جەڭدە سىنا، چېچەننى دەۋادا. مەمەداننىڭ ئويى قىسقا. گەپچى گەپتىن قالسا، گېلىدىن تاماق ئۆتمەس. كەم سۆز يىگىت ساز يىگىت، مەدداھ ۇيىگىت ماز يىگىت. كەم سۇخەن كەمدىن كەم تېپىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كۈلكىلىك، قىزىقارلىق گەپ قىلىدىغان، نۇتۇق قابىلىيىتى يۇقىرى، گەپكە ئۇستا سۆزمەن.
قاسىمئاخۇن تەرەپ - تەرەپكە ئادەم چىقىرىپ، گەپچى، ھېكايىچى دېگەنلەرنى يىغىپ كەپتۇ.
ئى. شۇنداق ئادەم.
بۈگۈن ھەممە گەپچىلەر يىغىلغان ئىكەن - دە.