Chinese→UyghurMain Dictionary
哥罗文
Domain: دۇنيا تارىخىگولوۋىن
(1650 - 1706) روسىيە دېڭىز ئارمىيە مارشالى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى، دىپلوماتىك ئەمەلدارى. 1686 - يىلى تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچى بولۇپ، جۇڭگو مەنچىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نىۋچىنسىك شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ (1689، جۇڭگو روسىيەنىڭ شەرقىي چېگرىسىنى بەلگىلىگەن. پېتىر ئەلچىلەر ئۆمىكى بىلەن بىللە غەربىي ياۋرۇپاغا بارغان. 1699 - يىلى دېڭىز ئارمىيىسى شتابىغا رىياسەتچىلىك قىلغان، ئىككىنچى يىلى تاشقى ئىشلار رەئىسى بولغان، دېڭىز ئارمىيە ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مۇنتىزم قوشۇنىنى قۇرۇشقا ئاكتىپ تەييالىق قىلغان. بالتىق دېڭىز پورتىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، شۋېتسىيىگە قارشى ھەربىي دىپلوماتىيە ئىتتىپاقىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شىمال ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.