Chinese→UyghurMain Dictionary
格兰特
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
gé lán tè
گرانت
دۇنيا تارىخى
گرانت
(1) ئولىسسېس سىمپىسون گرانت (1822 - 1885)، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (8691 - 1877). جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىدىن، ئوھىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. 1843 - يىلى ۋېست پوئىنت ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، ئامېرىكا مېكسىكا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ھاراق خۇمار بولغانلىقتىن 1854 - يىلى ھەربىي خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەن. ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە برىگادىر گېنېرالى، گېنېرال مايور بولغان ھەمدە غەربىي ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى قاتارلىق خىزمەتلەرگە تەيىنلەنگەن. ۋىكسبۇرگ، چاتتانوگا قاتارلىق جەڭلەردە كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. 1864 - يىلى 3 - ئايدا قوشما شتاتلار ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە جەنۇبنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇش ئىشىدا تۆھپە قوشقان. جەنۇبتىكى شتاتلاردا نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئارىلاشما ھۆكۈمىتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرغان، نېگىرلار توغرىسىدىكى قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرغان، يەر ۋە باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان، ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنى قۇرغان، ئاساسىي قانۇننىڭ 15 - ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق نېگىرلارغا باراۋەرلىك ھوقۇقى بەرگەن، شۇنداقلا ئۈچ K پارتىيىسىنى جازالىغان ۋە باشقىلار. ئىككىنچى قېتىمقى زۇڭتۇڭلۇق مەزگىلىدە سىياسىي جەھەتتە چېكىنىپ، <چوڭ كەچۈرۈم پەرمانى> نى جاكارلاپ، ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە توپىلاڭ كۆتۈرگەن نۇرغۇن قۇلدارلارنى كەچۈرۈم قىلغان. ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن بانكىغا مەبلەغ سالغان، بىراق ۋەيران بولغان. ئۇنىڭ ئىككى توملۇق ئەسلىمىسى بار. (2) جامېس ئاۋگۇستۇس گرانت (1827 - 1892). ئەنگلىيە ئوفىتسىرى، ئېكىسپېدىتسىيىچى. شوتلاندىيدە تۇغۇلغان. 1846 - 1847 - يىللىرى ئەنگلىيە - ھىندىستان ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1861 - يىلى سپېكېنىڭ مۇھىم ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن بىلەن بىللە شەرقىي ئافرىقىغا بارغان، ۋىكتورىيە كۆلىنىڭ نىل دەرياسىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن ھاۋا رايىغا ئائىت ھۆججەتلەرنى تەپسىلىي خاتىرلىگەن، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسىنى توپلىغان. ئۇنىڭ <ئافرىقىنى كېزىپ ئۆتۈش ساياھىتى> دېگەن ئەسىرى بار.