Uyghur←ChineseMain Dictionary
گەيسېرىك
دۇنيا تارىخى
该撒里克
gāi sǎ lǐ kè
(390 - 477) ۋانداللارنىڭ باشلىقى ۋە پادىشاھى (427 - 477). مىلادى 429 - يىلى 5 - ئايدا ۋانداللار ۋە ئالانلارنى باشلاپ ئىسپانىيە ئارقىلىق گېبرالتار بوغۇزىدىن ئۆتۈپ شىمالىي ئافرىقىغا كىرگەن ۋە يەرلىك قۇللار، بېقىندى دېھقانلارنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئافرىقا ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىمىسىنى تارتىۋالغان. 439 - يىلى 10 - ئايدا كارفاگېننى بېسىۋېلىپ، پايتەخت قىلغان ۋە ۋاندال خاندانلىقىنى قۇرغان. 455 - يىلى 6 - ئايدا، دېڭىزدىن ئۆتۈپ رىم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ 14 كۈن تالان - تاراج قىلغان. كۆپلىگەن مەدەنىيەت - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. <ۋاندالىزم> دېگەن سۆز شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ۋانداللارنىڭ قىلمىسى ياكى ئىستىلى دېگەنلىك بولۇپ، ئاڭسىز ياكى غەرەزلىك ھالدا مەدەنىيەتنى، سەنئەتنى بۇزۇش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.