Chinese→UyghurMain Dictionary
戈尔德施米特
دۇنيا تارىخى
گولدىشىمىدت
(1888 - 1947) نورۋىگىيىلىك گېئوخىمىك ۋە كرىستال خىمىكى، گېئوخىمىيە ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. شۋېتسارىيىدىكى سيۇرىختا تۇغۇلغان. نورۋىگىيىنىڭ كرىستنايا (ھازىرقى ئوسلو) داشۆسىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە گېرمانىيە، ئاۋسترالىيىلەردە ئوقۇغان. 1914 - يىلى پروفېسسور ۋە مىنېراللار تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 9291 - 1935 - يىللىرى گېرمانىيەنىڭ گۇتتىنگېن داشۆسىدە ئىشلەپ، ناتسىتلار ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن نورۋىگىيىگە قايتقان. گېرمانىيە قوشۇنلىرى نورۋىگىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن مەزگىللەردە، جازا لاگېرىغا تاشلانغان. 1942 - يىلى شۋېتسىيىگە قېچىپ كېتىپ، ئىككىنچى يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلىتىگە قايتقان. گولدىشىمىدتنىڭ <گېئولوگىك خىمىيە> قاتارلىق كىتابلىرى ۋە مېتامورفلىق جىنسىي تەسىرى، بىئو خىمىيە ھەققىدە يازغان تەخمىنەن 200 پارچە ئىلمىي ماقالىسى بار.