Chinese→UyghurMain Dictionary
戈尔巴托夫
دۇنيا تارىخى
گورباتوۋ
(1908 - 1954) سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىلىق يازغۇچى. ياش ۋاقتىدا دۇنباستا ئىشلىگەن. ئەدەبىي پائالىيىتىنى 1922 - يىلىدىن باشلىغان. 1930 - يىلى سوۋىت كوممۇنىستلار (بولشىۋىكلار) پارتىيىسىگە كىرگەن. ئەسەرلىرىدىن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن پوۋىستلىرى <ياچېيكا> ۋە <بىز ئەۋلاتلار> بار؛ يەنە شىمالىي قۇتۇپنى قېدرىپ تەكشۈرۈش ھاياتى تەسۋىرلەنگەن <ئادەتتىكى شىمالىي قۇتۇپ بەلبىغى> بار. ۋەتەن ئۇرشى مەزگىلىدىكى ئەسەرلىرىدىن، ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سوۋىت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۈرۈشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن پوۋىستلىرى <جەڭچى ئالېكسىي كورىكوۋ>، <تىز پۈكمەس كىشىلەر> ۋە سىياسىي ئوبزورى <يولداشلارغا خەت> قاتارلىقلار بار. ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەسەرلىرىدىن سىتاخانوۋچىلىق ھەركىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان رومانى <دۇنباس> ۋە كىنو سىنارىيسى <دۇنباس خاڭچىلىرى> قاتارلىقلار بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
gē ěr bā tuō fū
گورباتوۋ