Chinese→UyghurMain Dictionary
葛德文
دۇنيا تارىخى
گودۋىن
(1756 - 1836). ئەنگلىيەلىك سوتسىئولوگ ئىجتىمائىي مۇتەپەككۇر. پوپ ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، كېيىن ئاتېئىزمغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇ ئەقلىي تەربىيە ئارقىلىق مۇكەممەل بىر جەمئىيەت قۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، فېئوداللىق تۈزۈمنى ئەيىبلەپ، مۇستەقىل ئەركىن ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئىدىيىسى كېيىنكى خىيالىي سوتسىيالىزىمچىلارغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئەسەرلىرىدىن <سىياسىي ھەققانىيەت توغرىسىدا> دېگەن سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىسى، <كارلىب ۋىليامىسىنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزۈشتلىرى> دېگەن رومانى ۋە باشقىلار بار.