Uyghur←ChineseMain Dictionary
گىببىس
دۇنيا تارىخى
吉布斯
jí bù sī
(1839 - 1903) ئامېرىكىلىق فىزىك، خىمىك. كوننېكتىكۇت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1863 - يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېىتنىڭ دوكتۇرى بولغان. ئانا مەكتىپىدە لاتىن يېزىقى ۋە تەبىئىي پەندىن دەرس ئۆتكەن. 1866 - 1869 - يىللىرى پارىژ، بېرلىن ۋە ھېيدېلبېرگتا ئوقۇغان، 1871 - 1903 - يىللىرى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا پورفېسسورى بولغان. پۈتۈن كۈچى بىلەن خىمىيە تېرمودىنامىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، <تەكشى بولمىغان جىسىملارنىڭ مۇۋازىنەتلىكى توغرىسىدا> دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، فىزىئو - خىمىيىسىنىڭ بىر قىسىم نەزەرىيىسىنى ياراتقان. بۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيىدە ئاممىياكنى بىرىكتۈرۈش مۇۋەپپىقيەتلىك بولغان، ئەنگلىيىدە ئاممونىي نىترات ئىشلەنگەن ھەمدە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ <گىببىس نىسپىيلىك قانۇنى> كەشىپ قىلىنغان. ماتېماتىكا ۋە ۋېكتورلار ئانالىزىغىمۇ تۆھپە قوشقان. ستاتىستىكىلىق مېخانىكا جەھەتتە سىستېما ئۇقۇمىنى كىرگۈزگەن ھەمدە كۆتۈرۈلۈش ۋە پەسىيىش ھادىسىسىنىڭ نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بىر قىسمىنى كۋانت سىتاتىستىكىسىدا قوللانغان. <ستاتىستىكىلىق ئاساسىي قائىدىلەر>قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.