Uyghur←ChineseMain Dictionary
گاۋجىڭمىڭ
Domain: دۇنيا تارىخى高敬命
gāo jìng mìng
چاۋشيەننىڭ رېنچىن ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى چۇەنلۇدۋ ھەققانىيەتچى قوشۇنىنىڭ باشلىقى. 1592 - يىلى (شۈەنزۇنىڭ 52 - يىلى) 4 - ئايدا چۇەنلوداۋنىڭ نەنيۇەن، يۈگۇ، تەنياڭ ئەتراپىدىكى خەلق ياپونغا قارشى ھەققانىيەتچى قوشۇن ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنى چوڭ سانغۇن قىلغان. ئېنجىنغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، جۇڭچىڭ، جىڭجى، خۇاڭخەي دالالىرىدىن ئۆتۈپ شىمالغا بېرىپ پادىشاھ ئۈچۈن خىزمەت قىلماقچى بولغان. ياپون قوشۇنلىرى جىنشەنگە توپلىنىپ، جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ پۈتۈن ئايماقنى ئىشغال قىلماقچى بولغان. 7 - ئايدا، گاۋجىڭمىڭ ئەسكەر باشلاپ كېلىپ ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىغا ماسلىشىپ جىنشەنگە ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.