Uyghur←ChineseMain Dictionary
گارسىيە مورېنو
دۇنيا تارىخى
加西亚. 莫雷诺
jiā xī yà . mò léi nuò
(1821 - 1875) ئېكۋاتور زۇڭتۇڭى (1861 - 1865، 1869 - 1875)، مۇستەبىت. ئىنتايىن ئوڭ قانات دىنىي كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى. يېڭى ئاساسىي قانۇن جاكارلاش ئارقىلىق 1862 - يىلى ۋاتىكان ئالىي ھۆكۈمرانلىق ئورگىنى بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ. ھۆكۈمەتنى چېركاۋنىڭ ئىرادىسىنى ئىجرا قىلغۇچىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، چېركاۋ مائارىپ، ئاخبارات، ئەدلىيە قاتارلىق تارماقلارغا ئارىلاشقان ھەمدە ئىلغار مۇتەپەككۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. 1873 - يىلى داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنى <ئەيسانىڭ مۇقەددەس مۇرىتلىرى> غا ئىككى قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. كېيىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.