Uyghur←ChineseMain Dictionary
گارامبا دۆلەت باغچىسى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر加兰巴国家公园
jiā lán bā guó jiā gōng yuán
زايىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى تەبىئىي قوغداش رايونى. مەيدانى تەخمىنەن 5000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ جاينىڭ ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 700-1000 مېتىر بولۇپ، تروپىك شالاڭ ئوت - چۆپلىكلىرى بىلەن قاپلانغان. بۇ باغچا 1927 - يىلى زىراپە ھەم ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك ھايۋان ئاق كەركىداننى قوغداش ئاساسىدا قۇرۇلغان، بۇلاردىن باشقا يەنە 300 خىل ياۋايى ھايۋانات بار، بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا پۇتلۇق ئات، چوڭ بۆكەن ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ جايدا پىلنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، پىل بېقىش مەركىزىمۇ بار. ھەر يىلى 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ۋە 8 - ئايدىن 12 - ئايغىچە بولغان ساياھەت مەزگىلىدە بۇ جايغا ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ ساياھەت قىلىپ قايتىدۇ، بۇ باغچا تاشيول ئارقىلىق ئىسىرو شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.