UyghurMain Dictionary
گارا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چاڭ - توزان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن پەيدا بولغان يىرگىنچلىك نەرسە.
«توڭرا»، «قاسماق» كىرنىڭ قاتمۇقات توپلىنىشى.
«قىھخە» كىچىك بالىلارغا ئېيتىلىدۇ.
«زاڭگار»، «گارا» تۇرپان ۋە قۇمۇل شېۋىلىرىدە قوللىنىلىدۇ.
«ھېلىلىق» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
يۈزۈڭ كىر بولسا، ئەينەكتىن كۆرمە. چىۋىن مەينەت نېمە ئۇ قونغاننى يۇماي نېمە. كەت مەينەت، كەل دۆلەت. قوي ئۆز ئايىغىنى پاسكىنا قىلار. ئادەم سۇنى ئىپلاس قىلار، سۇ ئادەمنى پاكىز قىلار. توڭرا باسقان قولۇڭنى داستىخانغا سونما. يۇيۇنمىساڭ، بەدىنىڭىدىكى كىر قاسماق بولىدۇ. ھاي بالام. ئۇنى يېمە، قىھخە.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
پاسكىنا، قاسماق. مەسىلەن:كۆينىكىڭنىڭ ياقىسى گارا بولۇپ كېتىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال. پاسكىنا، قاسماق، كىر.