Chinese→UyghurMain Dictionary
高马达政变
دۇنيا تارىخى
گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشى
قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىدە ئاخمېنىدلار سۇلالىسىگە قارشى پارتلىغان سىياسىي ئۆزگىرىش. گائۇماتا ئەسلىدە مېدىيىنىڭ كاھىنى بولۇپ، پادىشاھ كامبىسېس مىسىرغا يۈرۈش قىلغان پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، بىر تۈركۈم ئاقسۆڭەكلەر ۋە بويسۇندۇرۇلغان رايوندىكى خەلقنىڭ پېرسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، باردىيا (كامبىسېسنىڭ ئىنىسى) قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان. ئۇنىڭغا ھەرقايسى جايلار ئاۋاز قوشقان، بىرمەھەل پېرسىيە ئىمپېرىيىسى يىمىرىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. كامبىسېس بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىۋاتقان سەپىرىدە ئۆلۈپ قالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 522 يىل ئىلگىرى 3 - 9 - ئايلاردا گائۇماتا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھەمدە ئۈچ يىللىق ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋە باج - سېلىقنى كەچۈرۈم قىلىش چاقىرىقى بىلەن، ئىمپېرىيە تەۋەسىدە ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلغان. بابىلون، ئېلام، ئاسسۇرىيە، مىسر قاتارلىق جايلار پېرسىيىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى ئارقا - ئارقىدىن جاكارلىغان. كېيىن ئاخمېنىدلاردىن بولغان دارا Ⅰ تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، گائۇماتا ۋە باشقا سەككىز نەپەر ئاتامان ئۆلتۈرۈلگەن. سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەلىكى بېخىستۇن قىياتاش ئويما يېزىقلىرىدا (دارا Ⅰ ياساتقان) ۋە يۇنان تارىخشۇناسى ھېرودوت يازغان <تارىخ>تا خاتىرلەنگەن.