Chinese→UyghurMain Dictionary
感应性
پسىخولوگىيە
سەسكىنىشچانلىق
( « تەسىرلىنشچانلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). سەسكىنىش ھەممە ھايات ماددىدا بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ تۈپ ئىپادىسى شۇكى، جانلىق ماددا تاشقى تەسىرگە مەلۇم ئۆزگىرىش ئارقىلىق جاۋاب بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن ماددا ئالماشتۇرىدۇ، ئۆزىنى ساقلاپ قالىدۇ، ھەمدە مۇھىت بىلەن بولغان تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قالىدۇ. مانا بۇ ئورگانىزمنىڭ ئاساسىي (تۈپ) تۇرمۇش فونكىسىيىسى ھېسابلىنىدۇ. مەسلەن: ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقىنىڭ كۈنگە مايىل بولۇشى، يىلتىزىنىڭ سۇغا ئىنتىلىشى؛ ھايۋانلارنىڭ ئوزۇققائىنتىلشى، خەتەردىن مۇدابىئە كۆرۈش رېئاكسىيىسى. بۇلارنىڭ ھەممىسى سەسكىنشچانلىق ياكى تەسرلىنشچانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
پسىخولوگىيە
تەسىرچانلىق
بارلىق جانلىقلارغا ئورتاق بولغان بىر خىل خۇسۇسىيەت. بۇ جانلىق ئورگانىرمنىڭ ئۆزىنىڭ شەكىلىنى ئۆزگەرتىش بىلەن تاشقى تەسىرگە جاۋاب بېرىشى بولۇپ، ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ھاياتىنى ساقلاشتىكى بىر خىل ئاساسىي تۇرمۇش قابىلىيىتى. جانلىق ئورگانىزملار ئەنە شۇنداق تەسىرچانلىققا ئىگە بولغانلىقتىن ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئەڭ ئاددىي جانلىق ئورگانىزممۇ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش، زىيانلىق ماددىلاردىن ئۆزىنى ساقلاش ئىپادىسىنى بىلدۈرىدۇ. تەسىرچانلىق جانسىز جىسىملارنىڭ ئىنكاس شەكلىدىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ. تەسىرچانلىقتا جانلىق ئورگانىزم مەلۇم دەرىجىدە مۇستەقىللىق ۋە پائال ئىنكاس قابىلىيىتىگە ئىگە.
جانلىق ئورگانىزمنىڭ تاشقى تەسىرىگە قارىتا ھەر خىل شەكىللەردە جاۋاب قايتۇرۇشى ئۇلاردا ئورتاق ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكنىڭ بولغانلىقى. جانلىق ئورگانىزم ئاساسىي ياشاش قابىلىيىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك تاشقى تەسىرگە ئىنكاس بىلدۈرىدۇ.
ئېلېكترون، ئۇچۇر
gǎn yìng xìng
ئىندۇكسىيىلىكىDئورمانچىلىق
gǎn yìng xìng
سېزىشچانلىقDئۆسۈملۈك
gǎn yìng xìng
تەسىرلىنىشچانلىقDباغۋەنچىلىك
gǎn yìng xìng
سېزىمچانلىق