Uyghur←ChineseMain Dictionary
گاننىبال
دۇنيا تارىخى
汉尼拨
hàn ní bō
(مىلادىدىن ئىلگىرى 247 - 183 ياكى 182) كارفاگېن سەركەردىسى. ئۆسمۈر ۋاقتىدا ئاتىسى ھامىلكار باركاغا ئەگىشىپ ئىسپانىيىگە بارغان، رىمدىن <قىساس ئېلىش> قا قەسەم ئىچكەن. مىلادىدىن 221 يىل ئىلگىرى ھاسدرۇبال (ھامىلكارنىڭ كۈيئوغلى) دىن كېيىن ئىسپانىيىدىكى كارفاگېن قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى بولغان. مىلادىدىن 219 يىل ئىلگىرى رىم بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ساگۇنتوم (ئېبرو دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا) شەھىرىنى بېسىۋالغان. مىلادىدىن 218 يىل ئىلگىرى ئەتىيازدا تەخمىنەن 50 مىڭ پىيادە ئەسكەر ۋە 9000 ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ گاللىيە (بۈكۈنكى فرانسىيە) نىڭ جەنۇبىي ئارقىلىق ئالپ تاغلىرىدىن ئۈتۈپ، زور چىقىم تارتىپ، شۇ يىلى كۈزدە ئىتالىيەنىڭ شىمالىغا كىرىپ 2 - قېىتملىق پوئېن ئۇرۇشىنى باشلىغان. پو دەرياسىنىڭ بىر تارمىقى ترېبىبىيە دەرياسى ئەتراپىدا دەسلەپكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن، مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى تراسمېنې كۆلى جېڭىدە رىم قوشۇنلىرى زور تالاپەتكە ئۇچراتقان. مىلادىدىن 216 يىل ئىلگىرى كاننا جېڭىدە يەنە زور غەلىبە قازانغان. <ئىتتىپاقداش> شەھەرلەر ئارقا - ئارقىدىن گاننىبالغا بېقىنىپ، رىم قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. گاننىبال ماكېدونيە پادىشاھى فىلىپ Ⅴ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، رىمغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلگە ئاشمىغان. مىلادىدىن 211 يىل ئىلگىرى رىم شەھىرىگە يالغاندىن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ (<ھاننىبال شەھەر قوۋۇقى ئالدىدا>) رىملىقلارنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتكەن. ئۇزۇن مۇددەت ئۇرىشىۋەرگەنلىكتىن ھەربىي كۈچى خوراپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈسىتگە كارفاكېننىڭ ئۆزىدىن ياردەم بولمىغانلىقتىن، ئىسپانىيىدىن كەلگەن ياردەمچى قوشۇن يوقىتلغان. رىملىقلار كۈچ توپلاپ، چوڭ سىكىپىئو ئافرىكانۇسنى ئەۋەتىپ يېڭى كارفاگېننى بېسىۋالغان. مىلادىدىن 420 يىل ئىلگىرى ئافرىقىغا ھۇجۇم قىلغان گاننىبال پەرمانغا بىنائەن ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلىتىگە قايتقان. مىلادىدىن 202 يىل ئىلگىرى زاما جېڭىدە ئۈزۈل - كېسىل يېڭىلگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ھۆكۈمران گۇرۇھ بىلەن ئەپلىشەلمىگەنلىكتىن مىلادىدىن 196 يىل ئىلگىرى سۈرىيىگە پاناھلاپ كەتكەن. ئانتىئوخوس Ⅲ كە ئىتالىيەگە قوشۇن كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ قوبۇل قىلىنمىغان. كېيىن كىچىك ئاسىياغا بېرىپ، بىتنىيىدە ئۆلۈۋالغان.