Chinese→UyghurMain Dictionary
刚果王国
Domain: دۇنيا تارىخىكونگو پادىشاھلىقى
ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن ⅣⅩ ئەسىردە قۇرۇلغان. ⅤⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا زېمىنى شىمالدا كونگو دەرياسى ۋادىسىغىچە، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە، جەنۇبتا لورې دەرياسىغىچە، شەرقتە كۋانگو دەرياسى ۋادىسىغىچە بولغان. پايتەختى مبانزا (كېيىن نامى سان - سالۋادورغا ئۆزگەرتىلگەن، ھازىرقى ئانگولانىڭ شىمالىدا). 1484 - يىلىدىن باشلاپ پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى كۆپلەپ سىڭىپ كىرىپ، قۇللارنى بۇلاپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان. 1665 - يىلى پادىشاھ پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقتىن، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش قىلىپ، پادىشاھ ئۇرۇشتا ئۆلگەن؛ كېيىن پادىشاھلىق پارچىلىنىپ كەتكەن.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.