Chinese→UyghurMain Dictionary
甘必大
دۇنيا تارىخى
گامبېتتا
(1838 - 1882) فرانسىيە زۇڭلىسى (1881 - 1882) فرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئىتالىيە كۆچمەنلىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1859 - يىلى ئادۋوكات بولغان. 1868 - يىلى سوتتا جۇمھۇرىيەتچى دېلېسىكلۇزېنى ئاقلاش بىلەن داڭق چىقارغان. ئىككىنچى يىلى رادىكال سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات پروگراممىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، پالاتاغا ئەزا بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان. 1870 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 ـ كۈنىدىكى ئىنقىلابتا مۇھىم رول ئويناپ، دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 10 - ئايدا ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ شەھەر قورشاۋ لىنىيىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھۆكۈمەت ۋەكىل سالاھىيىتى بىلەن تورىستا قارشىلىق كۈچ ئۇيۇشتۇرغان. گېرمانىيىگە تەسلىم بولۇشقا ۋە سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالاشقا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتتىن چېكىنىپ چىققان. 1871 - يىلى 7 - ئايدا يەنە بىرقېتىم پالاتا ئەزاسى بولغان. <فرانسىيە جۇمھۇرىيەت گېزىتى> نى نەشىر قىلغان ھەمدە پارلامېنت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن بىرلىشىپ، پادىشاھپەرەسلەرنىڭ سۈيقەستىنى تارمار قىلىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈرەش قىلىپ، ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1879 - 1881 - يىللىرى ئاۋام پالاتانىڭ باشلىقى بولۇپ، سىياسىغا نىسبەتەن زور تەسىر كۆرسەتكەن. 1881 - يىلى 11 - ئايدا زۇڭلى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئۈچ ئاي بولمايلا قوللاشقا ئىگە بولالماي تەختتىن چۈشكەن. <گامبېتتېنىڭ سىياسىي نوتۇق توپلىمى> بار.