Uyghur←ChineseMain Dictionary
گالاتس شەھىرى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر加拉茨市
jiā lā cí shì
رومىنىيىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى چوڭ شەھەر، مۇھىم دەريا پورتى، گالاتس ناھىيىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر پروت دەرياسى بىلەن سېرېت دەريا ئاغزى ئارىلىقىدىكى دوناي دەرياسىنىڭ سول ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 250 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). گالاتس 16 - ئەسىردىن باشلاپ مۇھىم سودا ئورنى بولغان. ھازىر رومىنىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تىپتىكى پولات - تۆمۈر سانائەت ھەم كېمىسازلىق سانائەت مەركىزى، بۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان پولات مەھسۇلاتى رومىنىيە پولات مەھسۇلاتىنىڭ 50% نى تەشكىل قىلىدۇ. پولا سانائىتىدىن باشقا يەنە ستانوك، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، خىمىيە، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گالاتس گەرچە ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى دوناي دەريا بويىغا جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. قارا دېڭىزدىن دوناي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ يولغا چىققان پاراخوتلىرى شەھەرگە كىرەلەيدۇ. تاشيول، تۆمۈريول ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. بۇ جاي ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ياغاچ ماتېرىياللىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. تۆمۈر رۇدىسى، كوكس، پاختا، ئۈسكۈنىلەر ئىمپورت قىلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.