UyghurMain Dictionary
فىزىئولوگىيىلىك نۆل گىرادۇس
پسىخولوگىيە
تېمپىراتورا سەزگۈسىنى ئىسىقلىق سەزگۈسى، سوغۇق سەزگۈسى دەپ ئىككىگە بۆلۈش مۇمكىن. بۇ ئىككى سەزگۈنىڭ ئارىلىق چېگرىسى فىزىئولوگىيىلىك نۆل گىرادۇس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك نۆل گىرادۇس تېرمۇمېتىردىكى گىرادۇس بولماستىن، تېرە تېمپېراتورىسىدىن ئىبارەت. كىشى بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى فىزىئولوگىيىلىك نۆل گىرادۇس ئوخشاش ئەمەس: تىل ئاستى تېمپېراتورىسى 37 سېلىتسىيەگىرادۇس، بەدەننىڭ 35 سېلىتسىيەگىرادۇس، يۈزنىڭ 33 سېلىتسىيەگىرادۇس، قۇلاقنىڭ 26 سېلىتسىيەگىرادۇس. غىدىقلىغۇچنىڭ تېمپېراتورىسى ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك نۆل گىرادۇستىن يۇقىرى بولسا، ئىسسىقلىق سەزگۈسىنى پەيدا قىلىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك نۆل گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا، سوغۇق سەزگۈسىنى پەيدا قىلىدۇ. تېمپېراتورا سەزگۈسىنىڭ رېتسېپتورى تېرىدىكى سوغۇق سەزگۈسى نۇقتىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا تارقىلىشى تەكشى ئەمەس.