Uyghur←ChineseMain Dictionary
فېئۇئىللان كلۇبى
Domain: دۇنيا تارىخى斐杨俱乐部
fěi yáng jù lè bù
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى لىبېرال ئاقسۆڭەكلەر ۋە چوڭ پۇل - مۇئامىلە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلدىغان سىياسىي گورۇھ. 1791 - يىلى 6 - ئايدا لۇئى ⅥⅩ ۋارېننېسقا قېچىپ بېرىپ تۇتۇلغاندىن كېيىن، ياكوبىن كلۇبىدا كورۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە كەسكىن كۈرەش ۋە ئىختىلاپ يۈز بەرگەن، لافايېت ۋە ئاكا - ئۇكا لامېتلار، دۇفورت، بارناۋې باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپلار 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ياكۇبىن كلۇبىدىن چېكىنىپ چىقىپ، يېڭى كلۇب قۇرۇپ ياكوبىن كلۇبى بىلەن قارشىلاشقان، بۇ يېڭى كلۇبنىڭ يىغىن ئورنى فېئوئىللان موناستىرىدابولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇ يۇقىرى بەدەل پۇلى تاپشۇرۇش شەرتى ئارقىلىق ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ كلۇبقا كىرىشىنى چەكلەپ، كورۇلنى ھىمايە قىلىدىغان كونسېرۋاتىپ كۈچلەرنى يىغقان. پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، كورۇلنى بىكار قىلىشقا ۋە جۇمھۇرىيەتنى يولغا قويۇشقا قارشى تۇرغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، كورۇل بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى باستۇرغان ھەمدە كورۇللۇق ھاكىمىيەتنى قوغدايدىغان ۋە خەلقنىڭ سىياسىي پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى چەتكە قاقىدىغان 1791 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلغان. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىدا جاھىل ئوڭچىلارغا ئايلانغان. 1792 - يىل 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى پارىژ قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ئۆز پائالىيىتىنى توختىتىشقا مەجبور بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.