UyghurMain Dictionary
فېئوداللىق دىنىي ھاكىمىيەت ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
ئاۋسترىيىدىكى ئۇچىغا چىققان كلېرىكالىزمچىلارنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. 19 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلاتقا پولشا كۇلۇبى، چېخ كۇلۇبى ۋە خوخېنۋارت گۇرۇھى قاتارلىقلار قاتناشقان. سىياسىي خەھەتتە <تۆمۈر چەمبىرەك>نى شەكىللەندۈرۈپ، ئېدۋارد تاف ئىچكى كابىنېتىنىڭ (1879 - 1893) مۇتەئەسسىپ سىياسىتىنى قوللىغان. 1893 - يىلى تاف ئىچكى كابىنېتىنىڭ تەختتىن چۈشۈشى بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ سىياسىي تەسىرىمۇ يوقالغان.