Chinese→UyghurMain Dictionary
浮游植物
ئۇنىۋېرسال
fú yóu zhí wù
لەيلىمە ئۆسۈملۈكلەر
Dيېزا ئىگىلىك
fú yóu zhí wù
لەيلىمە ئۆسۈملۈكلەرDگىئولوگىيە
fú yóu zhí wù
لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەرDتەبىئىي جۇغراپىيە
fú yóu zhí wù
فىتوپلانكتون، سۇدا لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەر
بىئولوگىيە
لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەر
سۇدا لەيلەپ ياشايدىغان مىكرو تەنلىك يۈسۈن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەردۇر. لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەر كۆپىنچە سۇ يۈزىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە تارقىلىدۇ، تېنى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، پەقەت مىكروسكوپ ئارقىلىقلا كۆرگىلى بولىدۇ، ئىنتايىن تېز كۆپىيىدۇ، تاتلىق سۇدا ياشايدىغان لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەر ئاساسەن يېشىل، كۆك يۈسۈنلەر ۋە كرېمنىيلىق يۈسۈنلەردىن ئىبارەت. دېڭىز سۈيىدە ئاساسەن كرېمنىيلىق يۈسۈنلەر بىلەن قاسىراقلىق يۈسۈنلەر ياشايدۇ. لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەر سۇدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇقى بولۇپ، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىپ كۆپەيتىشتە بەلگىلىك ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە. لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىشى ئەۋجىگە چىققاندا سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، بېلىق كۆلچەكلىرىدىكى <سۇ چېچىكى>. لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن لەيلىگۈچى ھايۋانلار لەيلىگۈچى جانلىقلار دەپ ئاتىلىدۇ.