Chinese→UyghurMain Dictionary
父系氏族制
دۇنيا تارىخى
پاترىئارخاللىق جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى
ئەلەر ھوقۇقلۇق ئورۇننى ئىگەللىگەن، قانداشلىق ۋە مال مۈلۈككە بولغان ۋارىسلىقنى ئەر جەمەتكە قاراپ بەلگىلەيدىغانئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى. بۇ تۈزۈم پاترىئارخاللىق جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن كېيىن ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرلىرىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئومۇمەن ياۋايىلىق دەۋرنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى باسقۇچلىرىغا يەنى برونزا قورال دەۋرىدىن تۆمۈر قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىغا توغرا كېلىدۇ. قەھرىمانلىق دەۋرىدىكى (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅺ ئەسىردىن Ⅸئەسىرگىچە)گرېكلار، پادىشاھلىق دەۋرىدىكى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷئەسىردىن Ⅵئەسىرگىچە)رىملىقلار، تاكىتۇس دەۋرىدىكى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰئەسىر)گېرمانلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇشۇنداق تۈزۈم مەۋجۇت بولغان. مورگان بىلەن ماركس ۋە ئېنگېلسلار مۇشۇ مساللارغا ئاساسەن ئۇ تۈزۈمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە پاترىئارخال جەمەت ئۇرۇقداشلىقنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى:ئومۇمەن ئېيتقاندا، بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى شارائىتىدا، ئەرلەر چارۋىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپ چىقرىشتا ئاساسلىق يۈكنى كۆتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە جامائەت ئىشلىرىدا ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا دەسسىگەن، مال مۈلۈككە بولغان ۋارىسلىق ئاتا تەرەپ قانداشلىق بىلەن ھېسابلانغان. بىرئەر بىر خۇتۇنلۇق تۈزۈم (ئاتاپاترىئارخال كۆپىنچە كۆپ خوتۇنلۇق بولاتتى) يولغا قويۇلغان، لېكىن ئاتا جەمەتنىڭ مال مۈلكىگە بولغان ۋارىسلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، زۆرۆر تېپىلغاندا ئايال ۋارىس ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسىمىدا نىكاھلىنىشقا بولغان (ئۇرۇق ئىچىدە نىكاھلىنىشنىمەنئى قىلىش پرىنسىپى بۇزۇۋېتىلگەن).پاترىئارخال ئۇرۇق ئىچىدىكى چوڭ ئۇرۇقلار بىرقانچىلىغان ھۈرلەر ۋە قۇللاردىن (يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن). تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاتائائىلە باشلىق ئۇلارغا قارىتا بارغانسېرى زورىيىپ كېتىۋاتقان ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغان. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ پاترىئارخال چوڭ ئۇرۇقلار پەيدىنپەي بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىدىكى ئائىلىلەرگە پارچىلىنىپ كەتكەن. پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى ئائىلىلەرگە پارچىلىنىپ كەتكەن. پاترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق تۈزمىنىڭ قالدۇقلىرى ۋە تەسىرى سىنىپىي جەمىئىيەتتە ئۇزاققىچە ساقلىنىپ قالغان.
قانۇن
fù xì shì zú zhì
ئاتىلىق تۈزۈم