Chinese→UyghurMain Dictionary
复苏
بىئولوگىيە
ئانابىئوز
<ئويغىنىش> دەپ ئاتىلىدۇ. جانلىق تەن ياكى تەنچىدىن ئايرىۋېلىنغان ئورگان ۋە توقۇلمىلارنى قۇرۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىش ياكى قاتتىق (ناھايىتى) مۇزلىتىش شارائىتى ئاستىدا، جانلىق تەنە ياكى تەنچىسىدىن ئايرىۋېلىنغان ئورگان ۋە توقۇلما قاتارلىقلارنىڭ بارلىق فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىلىرى ئۆزگىرىپ ئىنتايىن ئاستىلاپ، ھايات پائالىيىتى توختاپ قېلىشقا يېقىنلىشىدۇ. قارىماققا ئۆلۈپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان قۇرۇش، مۇزلاش قاتارلىق ناچار شارائىتلار مۇۋاپىق مەزگىل ئىچىدە يوقىتىلسا، جانلىق تەن ياكى ئۇنىڭ تەنىچىسىدىن ئايرىۋېلىنغان تۈزۈلۈشلىرى ئۆزىنىڭ نورمال ھايات پائالىيىتىنى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، بۇنداق ھادىسە ئانابىئوز (ئويغىنىش) دېيىلىدۇ. نۇرۇغۇنلىغان ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار (مەسىلەن چاقلىق قۇرت قاتارلىقلار) نىڭ قۇرغاقچىلىققا چىداش ئىقتىدارى ناھايىتى روشەن، باشقا بەزى ھايۋانلار (مەسىلەن، بەزى ھاشاراتلار، مولليۇسكىلار، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار قاتارلىقلار) ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ مۇسكۇل ھۈجەيرىسى ۋە سپېرما قاتارلىقلاردا ئېنىق بولغان مۇزلاشقا چىداملىق ئىقتىدارى بولىدۇ. ناچار شارائىتلار يوقىتىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئويغىنالايدۇ.
ئۇنىۋېرسال
fù sū
جانلانماق
ئويغانماق
ھوشىغا كەلمەك، ئېسىگە كەلمەك