Uyghur←ChineseMain Dictionary
فۇستات
تارىخ
弗思塔特
fú sī tǎ tè
دۇنيا تارىخى
福斯塔特
fú sī tǎ tè
مىسرنىڭ قەدىمكى پايتەختى. بۈگۈنكى قاھىرەنىڭ جەنۇبىي رايونىغا، نىل دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان. مىلادى 641 - يىلى مىسىرنى بويسۇندۇرغان ئەمىر ئەرەب قوشۇنىنى باشلاپ، بۇ يەردە ھەربىي بارگاھ قۇرغان (ئەرەب تىلىدا <فۇستات> دېيىلىدۇ)، شۇڭا بۇ شەھەر <فۇستات> دەپ نام ئالغان. كېيىن مىسىرنىڭ پايتەختى بولۇپ قالغان. 969 - يىلى قاھىرە شەھىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن سىياسىي مەركەز قاھىرەگە يۆتكەلگەن بولسىمۇ، بۇ يەر يەنىلا سودا مەركىزى بولۇپ قالغان. شۇڭا كونا قاھىرە دەپ ئاتالغان. 1668 - يىلى ئەھلىسەلىپ شەرققە يۈرۈش قىلغاندا قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، پەيدىنپەي تاشلىۋېتىلگەن. قۇم - تۇپا ئاستىدا قالغان. 1912 - يىلى قېزىلىپ، خىش - كاھىش بىلەن سېلىنغان ئۆگزسىز ئۆي - كوچىلار ۋە ئېرىقلارنىڭ ئىزى تېپىلغان. جۇڭگونىڭ تاڭ، سۇڭ، يۇەن، مىڭ دەۋرلىرىدە ئىشلەنگەن ساپال بويۇملار ۋە تەقلىت قىلىپ ياسالغان بۇيۇملار خېلى كۆپ قېزىپ چىقىلغان. بۇھال شۇ چاغدىكى شەرق بىلەن غەرب سودىسىنىڭ تارىختا گۈللەنگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.