UyghurMain Dictionary
فۇشې
دۇنيا تارىخى
(1759 - 1820)، فرانسىيە بۇرژۇئا سىياسىي ئەربابى. دەسلەپتە ئىلاھىيەت تەربىيىسىنى ئالغان، نىئورت، ئارراس، نانتېس قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. كېيىن فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، نانتېس رايونىدىكى ياكوبىنچىلار كۇلۇبى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان. 1792 - يىلى مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلىنىپ، پادىشاھقا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. ياكوبىن دىكتاتۇرىسى مەزگىلىدە، ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىم سۈپىتىدە لېئان قاتارلىق جايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، <ئۈزۈل - كېسىل ئىنقىلاب> ۋە خرىستىئان دىنىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشنى تەرغىپ قىلغان، خالىغىنىچە قىرغىن قىلىپ، رەھىمسىزلىك بىلەن تونۇلغان ۋە روبىسپېر تەرىپىدىن چاقىرتىۋېلىنغان. تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ ئاساسىي پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ بىرى. تەپتىش ھۆكۈمەت مەزگخلىدە تۇرىن، گائاگالاردا تۇرۇشلۇق ئەلچى ۋە ساقچى ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان، تۇمانلىق ئاينىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش مەزگىلىدە، ناپولېئوننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ساقچى مىنىستىرلىكىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1809 - يىلى ئوترانتې كىنەزى دېگەن ئۇنۋانغا ئىرىشكەن. يۈز كۈنلۈك سۇلالە مەزگىلىدە ساقچى ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. ۋاتېرلو جېڭىدىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاىسى بولۇپ، فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قاتنىشىپ، بوربون سۇلالىسىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ۋە لۇئى 18 - نىڭ ۋەزىرى ۋە درېسدىندا تۇرۇشلۇق ئەلچسى بولغان. 1816 - يىل 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى <پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلەرنى جازالاش قانۇنى> ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان، ئۇ ئاۋسترالىيىگە قېچىپ كەتكەن.