Chinese→UyghurMain Dictionary
浮萍
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
جامكا
بۇ جامكا ئائىلىسىدىكى سۇدا ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، جامكىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، سۇنىڭ يۈزىدە لەيلەپ ئۆسىدۇ، بىر تال تالاسىمان يىلتىزى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان، سوقىچاقراق ياكى ئۇزۇن يۇمىلاق، يېشىل رەڭلىك بولۇپ، ئىككى يۈزى سىلىق، تۈكسىز كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز مەزگىللىرىدە سۈزۈۋېلىپ تازىلاپ، يۇيۇپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆل، شاللىق ۋە سازلىقلاردا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ماددىلارنى تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
جامكا، يالپۇز، بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يەلتاشما ۋە قىزىلنىڭ سىرتقا تەپمەسلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
جامكىدىن سەككىز گرام، تەكىيە كاۋا شۆپۈكىدىن 35 گرام، تاۋۇز شۆپۈكىدىن 70 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
35 گرام جامكىنى 70 گرام قىزىل قىچا، 12 گرام شاپتۇل مېغىزى، 10 گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن بىللە يۇمشاق ئېزىپ، چېكىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئۆرۈك ئۈچكىسىدەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، ھەيزدىن كېيىن ئۈچ كۈنگىچە، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا ئىككى تال كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
جامكىدىن 35 گرام، قىزىل قىچىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۆت گراملىقتىن كۇمىلاچ ياساپ، ھەيزدىن كېيىن، ئۈچ كۈنگىچە، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى تال كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۆسۈملۈك
fú píng
كىچىك جامكا، جامكا، پاقىئوتىDئۇنىۋېرسال
fú píng
جامكا
Example
池塘里长满了浮萍。
Translation: كۆلچەكتە لەيلىمە باش قاتتىق يېڭى تۇغۇلغانلار بىلەن تولغان.
指水生植物
Specialized
Domain: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىfú píng
ئىقتىساد
دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە كەسىپ، بېلىقچىلىق
جامكا
سول قولىنى تەكشى ئېچىپ، ئالىقاننى تۆۋەنگە قارىتىدۇ. ئوڭ قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارمىقى بىلەن دۈگلەك ھاسىل قىلىپ، سول قولنىڭ دۈمبىسىگە قويىدۇ ھەمدە دولقۇنسىمان ھەرىكەتلەندۈرۈپ، سۇنىڭ ئېقىشىغا ئوخشىتىدۇ.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.