Uyghur←ChineseMain Dictionary
فۇنشال
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر丰沙尔
fēng shā ěr
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى مادېرا تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى، مۇھىم پورت شەھىرى. بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى 1421 - يىلى سېلىنغان. ئاھالىسى 34 مىڭدىن ئاشىدۇ، ھازىر يەنىلا پورتۇگالىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ كەلمەكتە. خەلقئارا ھاۋا، دېڭىز ۋە باشقا ئالاقە ئىشىرىدىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. شەھەردە شېكەر، ھاراق، كونسېرۋا ئىشلەش ۋە باشقا قول ھۈنەر سانائەت ئورۇنلىرى بار. بولۇپمۇ مادېرا ھارىقى (ئۈزۈم ھارىقى) ئىشلەشتە بەك داڭلىق بولۇپ، ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەشتىن سىرت، كۆپلەپ سىرتقا چىقىرىدۇ. شەھەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى يېقىملىق، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. شەەر ئەتراپىدا مېۋە - چېۋە، كۆكتات ئۆستۈرۈلىدۇ. دېڭىزدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. شەھەردە 15 - ئەسىردە سېلىنغان چېركاۋلار، قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى بار.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى丰沙尔
fēng shā ěr
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.