Uyghur←ChineseMain Dictionary
فۇنكسىئونال تىپ تەلىماتى
پسىخولوگىيە
机能类型学说
jī néng lèi xíng xué shuō
بۇ خاراكتېرنى تىپقا ئايرىشتىكى بىر خىل تەلىمات، بۇ تەلىمات بويىچە مەلۇم خىلدىكى پىسخولوگىيىلىك فۇنكسىيىنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشىغا قاراپ خاراكتېر تىپقا ئايرىلىدۇ. يەنى، ئاقىلانىلىك، ئىرادە ۋە كەيپىيات قاتارلىق ئۈچ تەركىنتىن قايسىسى ئۈستۈن ئورۇندا بولسا، شۇ كىشى ئەنە شۇ تىپقا مەنسۈپ بولىدۇ. مەسلەن: ئاقىلانە تىپ، كەيپىيات تىپى، ئىرادە تىپىگە كىرىدىغان كىشى.
ئاقىلانە تىپتىكى كىشى ھەممىنى ئاقىلانىلىك بىلەن ئۆلچەيدۇ، ھەرىكىتىنىمۇ شۇنىڭ بىلەن تىزگىنلەيدۇ. كەيپىيات تىپىدىكى كىشىنىڭ كەيپىيات تۇيغۇسى چوڭقۇر بولۇپ، ھەرىكىتى كەيپىياتقا باغلىق بولىدۇ. ئىرادە تىپىدىكى كىشىدە ئېنىق نىشان بولۇپ، ھەرىكەتتە ئاكتىپ بولىدۇ. بۇ ئۈچ خىل تىپتىن باشقا يەنە ئارىلىق تىپ بولۇپ، بەزىسى ئاقىلانە - ئىردە تىپى، بەزىسى ئاقىلانە - كەيپىيات تىپىغا كىرىدۇ.