UyghurMain Dictionary
فۇلتون
دۇنيا تارىخى
(1765 - 1815)، ئامېرىكىلىق ئىنژېنىر، رەسسام. پېنسلۋانىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. دادىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن. مىلتىق - زەمبىرەك ياساشنى ئۆگەنگەن. 1782 - 1786 - يىللاردا رەسىم سىزىش ۋە مېخانىكا چېرتيوژچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. 1786 - 1793 - يىللاردا ئەنگلىيىدە رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ سىزغان ئىككى پارچە پورترېت ئەنگلىيە خانلىق سەنئەت ئىلمىي جەمئىيىتىدە ساقلانغان. كېيىن قانال ۋە دېڭىزچىلىق مېخانىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1794 - يىلى قانالنىڭ چۈشۈرگىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، خاس پايدىغا ئېرىشكەن. 1796 - يىلى دەريا ئۈستىدىن ئۆتىدىغان تۆمۈر تۇرۇبا ۋە قازغۇچى ماشىنىنى لايىھىلىگەن. 1797 - يىلى پارىژدا چاقپېلىكى ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئايلاندۇرۇلىدىغان سۇ ئاستى كېمىسىنى كەشىپ قىلغان. 1804 - يىلى ئەنگلىيەدە ھور ماشىنىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان پاراخوت ياساش سىنىقىنى ئېلىپ بارغان. 1807 - يىلى 8 - ئايدا ھورنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان پاراخوت - <كىلىموند> نيو - يوركتىن ئالبانغا بارىدىغان ھادېسون دەرياسىدا قاتناپ، پاراخوت ئارقىلىق قەرەللىك قاتناش بىلەن ئەڭ بالدۇر شۇغۇللانغۇچى بولۇپ قالغان. <قانال قاتنىشىنى ياخشىلاش> دېگەن ئەسىرى بار.