Chinese→UyghurMain Dictionary
弗雷
دىن
fú léi
斯
فرېي، ئىلاھ فرېي
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
fú léi
فرېي
دۇنيا تارىخى
فرېئى
(1911 - 1982) چىلى زۇڭتۇڭى (1964 - 1970)، خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغۇچى. كىچىك خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سانتىياگو كاتولىك ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ قانۇن فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن. 1933 - يىلى كاتولىك ئوقۇغۇچىلىرى مەملىكەتلىك كومىتىتىنىڭ رەئىسى ۋە كاتولىك ياشلار ھەرىكىتىنىڭ تەشكىلات رەئىسى بولغان. 1934 - يىلى چىلى ياشلىرىغا ۋەكالىتەن رىم ئۇنىۋېرسىتىت ئۇقۇغۇچىلىرى يىغىنىغا قاتناشقان. 1935 - 1936 - يىللىرى <تاراپاكا گېزىتى> ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1938 - يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ، دۆلەت ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيىسى (1957 - يىلى خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن)نى تەشكىللىگەن، 1941 - يىلى بۇ پارتىيىنىڭ رەئىسى بولغان. 1940 - 1945 - يىللىرى چىلى كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەمگەك - ئىش ھەققى قانۇنى پروفېسسورى بولغان. 1944 - 1946 - يىللىرى جامائەت قۇرۇلۇشى مىنىستىرى بولغان. 1949 - يىلى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1950 -يىلى ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىل بولغان. 1973 - يىلى 5 - ئايدا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغان. يەنە ئۇزاققىچە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئىش ھەققى تۈزۈمى ۋە ئۇنى بىكار قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى>، <تېخى بىلىۋېلىنمىغان چىلى>، <سىياسىي ۋە روھ>، <غايە ۋە ھەرىكەت>، <چىلى پارتىيىلىرى تارىخى> ۋە <لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ تەقدىرى> قاتارلىقلار بار.
Rate this entry